Chinese→UyghurMain Dictionary
大脑皮层
تەنتەربىيە
dà nǎo pí céng
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىDتېببىي
dà nǎo pí céng
چوڭ مېڭە پوستىلاق قەۋىتى، چوڭ مېڭە پوستىلىقىDئۇنىۋېرسال
dà nǎo pí céng
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى
پسىخولوگىيە
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى
بۇ چوڭ مېڭە پوستلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پوستلاق چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرىنىڭ يۈزىنى يېپىپ تۇرغان كۈلرەڭ ماددا قەۋىتىدىن ئىبارەت. ئادەم چوڭ مېڭىسىنىڭ پوستلاق قەۋىتىنىڭ يۈزى تەخمىنەن 2200 كۋادرات سانتىمېتىر كېلىدۇ. پوستلاقنىڭ پېتىنقى يېرى ئېرىقچە، كۆپۈنكى يېرى پۈرمە دەپ ئاتىلىدۇ. پوستلاقنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى 2.5 مىللىمېتىر كېلىدۇ. لېكىن ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ قېلىنلىقىدا پەرقلەر بولىدۇ، ئەڭ قېلىن يېرى 4.5mm، ئەڭ نېپىز يېرى 1.5mm بولىدۇ. پوستلاق قەۋىتى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ جىقراق توپلانغان جايى بولۇپ، تەخمىنەن 14 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسى بار. نېرۋا ھۈجەيلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، فورمىسى ۋە ئۇلارنىڭ فونكسىيىلىرىمۇ بىر - بىرىدىن پەرق قىلىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلىقى تەپەككۇر ئورگىنى بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ بارلىق ئىچكى پائالىيەت جەريانلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھەمدە ئورگانىزمنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى تەڭشەيدىغان ئالىي نېرۋا مەركىزى. چوڭ مېڭە پوستلىقى ئاستىدا ئارىلىق مېڭە، ئوتتۇرا مېڭە، كىچىك مېڭە، ئۇزۇنچاق مېڭە ۋە يۇلۇنلار بولۇپ، بۇلار تۆۋەن دەرىجىلىك نېرۋا مەركەزلىرىدۇر. بۇلار پوستلاق ئاستى مەركەزلەر ياكى پوستلاق ئاستىدىكى قىسىملار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلارنى ئالىي نېرۋا مەركىزى (چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى) ئىدارە قىلىدۇ.
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلاردا ئومۇمەن تەرەققىي قىلمىغان، ياكى پۈتۈنلەي يوق؛ ھايۋان قانچە يۇقىرى دەرىجىلىكى بولسا چوڭ مېڭە پوستلاق مېڭە پوستلاق قەۋىتىمۇ شۇنچە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ كوللېكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە ئەمگەك جەريانىدا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن تىل ۋە تەپەككۇر بارلىققا كەلگەن. بۇ ھال چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرگەن.
بىئولوگىيە
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى
<چوڭ مېڭە پوستلاق ماددىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ چوڭ مېڭىنىڭ سىرتقى يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدىغان بىر قەۋەت كۈل رەڭ ماددىلىق تۈزۈلۈش بولۇپ، ئاساسەن نېۋروننىڭ ھۈجەيرە تەنچىسىدىن تەركىب تاپقان بولىدۇ. يەر باغىرلىغۇچىلاردىن تارتىپل چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى پەيدا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، سۈت ئەمگۈچىلەرگە كەلگەندە چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتكەن. يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ھەرقايسى ئورگان سىستېمىلىرىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك فۇنكسىيىلىرىنىڭ ھەممىسى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى يەنە بۇ ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل تەسىرلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان ئانالىراتورى ۋە سىنتېزاتورى (ئومۇملاشتۇرۇش ئاپپاراتى) بولۇپ، ھايۋانلارنىڭ مۇرەككەپ، نازۇك شەرتلىك رېفلېكسلارنى ئىجرا قىلىدىغان ئاساسلىق ئورگىنى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا ئۇ ئالىي نېرۋا پائالىيەتلىرى مەركىزىي ھېسابلىنىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي كوللېكتىپ تۇرمۇشى ۋە ئورتاق ئەمگىكى ئۆزئارا ئاخبارات يەتكۈزۈش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولۇشى نەتىجىسىدە تىل ۋە تەپەككۇر (ئوي - پىكىر) نى بارلىققا كەلتۈرۈپ چوڭ مېڭە پوستلاق قەسىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققىي قىلىشقا ئېرىشتۈرگەن.