Chinese→UyghurMain Dictionary
大陆政策
دۇنيا تارىخى
چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى
(1) ⅩⅪ ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن 80 - يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە گېرمانىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋەزىرى بىسمارك يۈرگۈزگەن تاشقى سىياسەت. ئۇ ئىتتىپاق تۈزۈش فاڭجېنى ئارقىلىق روسىيىنى ئۆزىگە تارتىش يولى بىلەن، فرانسىيە بىلەن روسىيىنىڭ يېقىنلىشىشىدىن ساقلىنىپ، فرانسىيىنى يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىشكە ئۇرۇنغان؛ ئاۋسترو - ۋېنگرىيە ئىمپېرىيىسى بىلەن بىرلىشىپ، روسىيەنىڭ شەرقىي ياۋرۇپا ۋە بالقاندىكى كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇشقا، شۇنىڭ بىلەن بىللە گېرمانىيەنىڭ ياۋرۇپاغا خوجا بولۇش پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنە ئەنگىلىيە بىلەن روسىيەنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى قارشىلىقىنى قوزغاپ، ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋېلىشىنى توسماقچى بولغان. 80 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا، گېرمانىيە جاھانگىرلىكىنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، گېرمانىيە بىلەن روسىيە، ئەنگلىيە بىلەن گېرمانىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەر كەسكىنلىشىپ، چوڭ قۇرۇقلۇق سىياىتى بەربات بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى گېرمانىيە مىلتارىزمىنىڭ دۇنياۋى سىياسىتى باسقان. (2) ياپونىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا يولغا قويغان تاجاۋۇزچىلىق - كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى. مېيجى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ياپون مىلتارىستلىرى چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىش، جۇڭگونى بېسىۋېلىش، ئاسىياغا خوجا بولۇش كۆزلەنگەن چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسىي سىياسىتى قىلدى ۋە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جۇڭگو - ياپونىيە جياۋ ئۇرۇشى (1894 - 1895) ۋە ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشى (1904 - 1905) نى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ زېمىنى تەيۋەننى بېسىۋالدى ھەمدە چاۋشيەننى يۇتۇۋالدى. 1931-يىلى بىۋاسىتە ئەسكەر چىقىرىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى بېسىۋالدى. 1937-يىلى جۇڭگوغا قارىتا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇش قوزغىدى ھەمدە شىمالغا يۈرۈش قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ سىبىرىيىنى ئېلىشقا ئۇرۇندى. 1945-يىلى ياپون فاىشستلىرى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن چوڭ قۇرۇقلۇق سىياسىتى ئۈزۈل - كېسىل بەربات بولدى.