UyghurMain Dictionary
دالېمبېرت
دۇنيا تارىخى
(1717 - 1783) فرانسىيىلىك ماتېماتىك، تەبىئىي پەن ئالىمى، پەيلاسوپ. بىر ئاقسۆڭەكنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى، تاشلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئىشچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان. ئۆزلۈكىدىن ئىلاھىيەت، تىبابەت، قانۇن ۋە ماتېماتىكا ئۆگەنگەن. 1741 - يىلى تەبىئىي پەن ئاكادېمىيىسىگە كىرگەن، 1754 - يىلى فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكلىكىگە سايلانغان، 1772-يىلى مەزكۇر ئاكادېمىيىنىڭ كاتىپى بولغان. 1751 - يىلى دىدېروغا ياردەملىشىپ (ئېنسكلوپېدىيە) نى تەھرىرلىگەن ۋە بۇ كىتابنىڭ سۆز بېشىنى يازغان ھەمدە ماتېماتىكا ۋە تەبىئىي پەن ماددىلىرىنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان، فرانسىيە مەرىپەتىچلىكىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. چېركاۋ ۋە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىدىن قورقۇپ، 1758 - يىلى تەھرىر بۆلۈمىدىن چېكىنىپ چىققان. ئۇنڭ ئەسەرلىرى پەلسەپە، مۇزىكا (مۇزىكا قائىدىلىرى 1752)، مېخانىكا (دالېمبېرت مېخانىكىسى قائىدىلىرى، يەنى مەلۇم جىسىمغا تەسىر كۆرسەتكەن سىرتقى كۈچنىڭ يىغىندىسى شۇ جىسىمنىڭ ئەكس تەسىر كۈچىگە تەڭ بولىدۇ). سەييارىلەرنىڭ ئېغىش ۋە ئايرىلىش نۇقتىلىرىنىڭ يىل پەرقى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.