Chinese→UyghurMain Dictionary
达列卡连山区农民起义
دۇنيا تارىخى
دالېكارلىيە تاغلىق رايونى دېھقانلار قوزغىلىڭى
1434 - 1436 - يىللاردىكى شۋېتسىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى. دالېكارلىيە تاغلىق رايونىدا قوزغالغان، 40 - 50 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئاساسلىقى دېھقانلار، كان ئىشچىلىرى، ئۇلار باج - سېلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. رەھبىرى كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان كان سودىگىرى ئېنگېلبىرېكت. قوزغىلاڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۆپ قىسىم رايونىنى قالاپ كەتكەن. بىر قىسىم ئاقسۆڭەك ۋە شەھەر ئاھالىلىرىمۇ قاتنىشىپ، دانىيىنىڭ قوشۇمچە شۋېتسىيىنىڭ كورۇلى ئېرىك ⅤⅡ (1382 - 1459) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان. 1436 - يىلى، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى پايتەختنى ئىگىلەپ، پادىشاھنى بىكار قىلىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە تەبىقىلەر يىغىنىنى چاقىرغان. شۇ يىلى ئېنگېلبىرېكت سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. كېيىن قوزغىلاڭ باستۇرۇلۇپ، مەغلۇپ بولغان.