Chinese→UyghurMain Dictionary
代谢生理学
بىئولوگىيە
مېتابولىزم فىزىئولوگىيىسى
جانلىقلار تېنىدىكى ھەر خىل مېتابولىزم جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ئۇنىڭ تەتقىقات مەزمۇنى ھەر خىل ماددىلارنىڭ شەكىللىنىشى، ئارىلىق مېتابولىزمنىڭ جەريانى، ئايلاندۇرۇش، تەڭشەش، كونترول قىلىش، فىزىئولوگىيىلىك فۇنكىسىيلەرنىڭ باغلىنىشى، ماددا مېتابولىزمى جەريانى بىلەن ئورگانلارنىڭ دىففېرېنسىيلىنىشى، مورفولوگىيىلىك شەكىل قۇرۇلۇشىنىڭ باغلىنشى ماددا مېتابولىزمى بىلەن قايتىشقا قارشى تۇرۇشچانلىق ۋە ئىرسىيەتلىك ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىئوخىمىيە بىلەن ئېنزم خىمىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يېڭى تېخنىكا (مەسىلەن، رادىئاتسىيىلىك ئىزوتوپ، ھەر خىل قەۋەتلەرگە ئايرىپ ئانالىز قىلىش تېخنىكىسى، پەرق كۆرسەتكۈچى يۇقىرى سۈرئەتلىك سېنترالفۇگ، قوش نۇر دەستىلىك سىپىكترومېتر قاتارلىقلار) نىڭ قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، مېتابولىزم فىزىئولوگىيىسىنىڭ تەتقىقاتى كۈندىن - كۈنگە چوڭقۇرلاشماقتا.