UyghurMain Dictionary
داغ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. نەرسىنىڭ يۈزىدىكى ئۆزگىچە قارا خال.
ئاينىڭ يۈزىدىمۇ داغ بار.
2. نەرسىگە باشقا نەرسە تېگىپ، ئۇنىڭدىن قالغان ئىز، يۇقۇق. داغ چۈشمەك.* داغ چۈشمەك.* داغ قالماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت
1. قاينىتىلمىغان، ھېچنېمە سېلىنمىغان سۇ.
بىز داغ سۇ ئىچىپ چوڭ بولغان ئەرلەر.
2. چۈچۈتۈلگەن. ياخشىغا ياغ، يامانغا داغ ( ماقال ).
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
بەلگە، نىشانە، ئىز، ئەسەر:
كۆيۈك، كۆيگەن جاي، داغ:
قايغۇ، ھەسرەت، ئەلەم كۈلپەت؛ ھىجران؛ مۇھەببەت چاپالىرى:
1.جانىمدە ئەلىف يەڭلىغ ئول سەرۋى مەكان ئەتمىش،
جىم نۇقتەسىدە داغىن جانىمدە نىھان ئەتمىش.
ۋەفائى.
2. داغدىن جىسىمىم ئارا ھەر سارى ئاچىلغان سۆڭەك،
كۆرسە، رەھم ئەتكەي كۈلۈمسۈپ، شاد ئولۇر ئول باغرى تاش.
ئەرشى.
3. تاۋۇس ئوخشە بار ئىدى ھەر داغىم ئۆزرە نەچچە داغ،
داغلىغ كۆڭۈلمگە شوخ لالەزارىم ئۇچرادى.
قەلەندەر.
4. ئەزمىدە ئول قەۋمغە داغ ئۆزرە داغ،
قەتئىدە بۇ خەيلغە باغ ئۆزررە باغ.
نەۋايى.
5. ئەي نەۋايى، تەلبە كۆڭلۈم ئايتتى، ئەمدى ئىستەمەن،
نەچچە داغۇ دەشتدىن ئىستەب كېتۈرگەيمەن ئانى.
نەۋايى.
ئەپسۇس:
تاغ:
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۆيۈك، كۆيگەن جاي؛ قىزىق، قايناپ تۇرغان، بەلگە؛ ئىز، ئەسەر. كۆچمە مەنىسى: قايغۇ، ئەلەم، غەم؛ كۈلپەت: داغى نىھانى - يوشۇرۇن ئالەم؛ داغى فۇرقەت - ئايرىلىش غېمى، ئايرىلىشتىن يەتكەن كۈلپەت؛ داغى ھىجران - ياردىن يىراق تۇرغانلىق غېمى، كۈلپىتى؛ داغى ھىرمان - مەھرۇملۇق داغى، بىرەر تىلەككە ئېرىشەلمىگەنلىك داغى، كۈلپىتى؛ داغ ئۆرتىمەك - داغلىماق، كۆيدۈرمەك؛ تامغا باسماق؛ داغلىماق - قىزىتماق، كۆيدۈرمەك؛ تامغا باسماق، ئىز چىقارماق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
تاغ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
داغ.
ئات ۋە باشقا ماللارغا بېسىلىدىغان تامغا. پارسلار بۇ سۆزنى تۈركلەردىن ئالغان. بۇنى پارسچە سۆز دېيىشكە بولمايدۇ؛ ئۇلاردا تۈركلەرنىڭكىدەك چارۋا بولمىغاچقا، بۇنداق سۆزلەر نەدە بولسۇن؟مەن بۇ سۆزنى مۇسۇلمانلار چېگرىلىرىدىمۇ ئاڭلىدىم.
3 - 209
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
نەرسىلەرنىڭ يۈزىدە باشقا رەڭدە ئايرىلىپ تۇرىدىغان كىچىككىنە جاي.
قۇياش دېغى.
نەرسىلەرنىڭ باشقا ماددىلار تېگىپ بۇلغانغان جايى.
ياش دېغى.
قولىمىز ئاھۇزار ئىچىدىكى خەلقنىڭ قېنىغا مىلەنگەن، بىزنىڭ يەۋاتقان، كىيىۋاتقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسىدە ئاشۇ قان داغلىرى بار.
يارا ئىزى، جاراھەت ئىزى.
ئايشەمنىڭ يارىسى پۈتۈنلەي ساقايدى. پەقەت پېشانىسىنىڭ سول تەرىپىدە بىلىنەر - بىلىنمەس داغ پەيدا بولدى.
كۆچمە. ئەيىب، نۇقسان، گۇناھ.
ئۆزىدە قىلچە داغ يوق دەپ قارايدىغانلار، ئەمەلىيەتتە، ئەڭ پاسكىنا ئادەملەر بولۇشى مۇمكىن.
كۆچمە. ئۆتمۈشكە مەنسۇپ ئىللەتلەرنىڭ رېئاللىقتىكى قالدۇقى.
كونا جەمئىيەتنىڭ داغلىرى.
كۆچمە. كىشنى نومۇس - بەتنامغا قويىدىغان، نامىنى بۇلغايدىغان ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆز.
نومۇس دېغى.
ياخشىدىن باغ قالىدۇ، ياماندىن داغ قالىدۇ (ماقال).
كۆچمە. ئېغىر مۇسىبەت، قايغۇ - كۈلپەت، جۇدالىق - ھىجران، ئىشق - مۇھەببەتتىن كۆڭۈلدە قالغان دەرد - ئەلەم؛ ھەسىرەت.
سىزنىڭ چەكسىز بەختكە تەلپۈنگەن قەلبىڭىزدە ئارمان ۋە مۇھەببەتنىڭ ئۆچمەس دېغىلا قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
قاينىتىلغان، قاتتىق قىزدۇرۇلغان.
ياخشىغا ياغ، يامانغا داغ (ماقال).
قازاندىكى ماينى داغ قىلىپ قويدۇم.
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، ئەبەيدۇللا ئىبراھىمنىڭ تارىخىي رومانى بولۇپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1996 - يىل 8 - ئايدا نەشر قىلىنغان. بۇ چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەر جەمئىي بەش قىسىم، 50 بابتىن تەشكىل تاپقان. روماندا جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقى، جۈملىدىن خوتەن خەلقى ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا باشتىن كەچۈرگەن ئاجايىپ قىسمەتلەر، ئېچىنىشلىق تۇرمۇش مەنزىرىسى، ھۆكۈمرانلارنىڭ ۋەھشىيلىكى سەۋەبلىك خەلق بېشىغا كەلگەن قىرغىنچىلىق، بالايىئاپەتلەر، خەلقنىڭ جەڭگىۋار كۈرەشلىرى... تەسۋىرلەنگەن. ئاساسلىق قىلىپ ياقۇپبەگنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ، جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغانلىقى، جۈملىدىن خوتەنگە باستۇرۇپ كېلىپ، قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. روماندا يازغۇچى نىياز ھېكىمبەگدىن ئىبارەت ۋەھشىي، ھىيلىگەر، بىر مۇناپىق ئوبرازىنى ناھايىتىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان ۋە ئۇنىڭ خۇي - پەيلىنى، سەرگۈزەشتىلىرىنى روماننىڭ ئاساسلىق سيۇژىت لىنىيىسى قىلغان.