UyghurMain Dictionary
دادگەر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئادالەتپەرۋەر، ئادالەتبىلەن ئىش قىلغۇچى، دادىغا يەتكۈچى، ئادىل:
ئەرز ئاڭلىغۇچى، ئەرز تىڭشىغۇچى.
پادىشاھا بۇ قۇلۇڭغە قىل نەزەر،
سەندىن ئۆزگە يوق تۇرۇر بىر دادگەر.
خەراباتى.
2. ئەرز قىلىپ بارچەنى شاھ ئاللىدە،
دادگەرى مۇلك پەناھ ئاللىدە.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
دادغا يەتكۈچى، ئەرز - ھالنى ئىشتكۈچى، ئادالەتلىك.