UyghurMain Dictionary
دادا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بالا تاپقان، بالىلىق بولغان ئەر كىشى. «ئاۋا» لوپنۇر دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ. «پەدەر» ، «ۋەلىد» لەر ئەرەبچە، كلاسسىك ئەدەبىياتتا ئۇچرايدۇ، ھازىر ئومۇمەن ئارخائىزمغا ياتىدۇ.
ئادەم ئاتا؛ ئاتىلار سۆزى؛ دۆلەت ئاتىسى؛ ئاتا مىراس؛ ئاتاڭغا رەھمەت؛ ئاتاڭغا لەنەت؛ ئاتاڭ ئايلانسۇن؛ ئاتا يوللۇق؛ ئاتىدارچىلىق؛ ئاتا تۇتماق؛ ئاتا بولماق؛ ئاتام زامان؛ ئاتام ئېيتقان بايقى؛ ئاتا كۆرگەن؛ ئانا كۆرگەن؛ ئاتام ئوغۇل بالا دەپ تاپقان. ئاتامنىڭ بالىسى بولماي كېتەي. ئات بولمىغان ئاتا قەدىرىنى بىلمەس. ئاتا كەمچىلىكى ئەمەس، لاتا كەمچىلىكى. ئاتا دۈشمىنىنى ئۆزۈڭگە دوست تۇتما. دادامغا يوق پۇرچاق ئانامغا نەدە؟ پەدەر ھايات بېرىدۇ، ئۇستاز نىجات بېرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پەرزەنتى بار ئەر، ئاتا.
بۇ دادامدىن قالغان راۋابنى، ئۆزۈمدىن ئايرىغۇم كەلمەيدۇ.
ئۆزىدىن چوڭ، دادا يوللۇق كىشىلەرنى ھۆرمەتلەپ ئاتاش سۆزى.
دادا، سىلى نەدىن كەلدىلە؟
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە
دادىخان
تەربىيلىگۈچى (بۇ يەردە دادا ئۇلۇغلانغان)