Chinese→UyghurMain Dictionary
大肠杆菌
ئۇنىۋېرسال
dà cháng gǎn jūn
چوڭ ئۈچەي ئېشېرىخىيە باكتېرىيىسى، كولىباتسىللا
Dتېببىي
dà cháng gǎn jūn
چوڭ ئۈچەي تاياقچىسى، چوڭ ئۈچەي ئىسخېرىخىيا تاياقچىسى، چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى
بىئولوگىيە
چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى
<چوڭ ئۈچەي ئېتېرىخىيە باكتېرىيىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە بەزى ھايۋانلارنىڭ ئۈچىيى (ئاساسەن چوڭ ئۈچىيى) دە ياشايدىغان، گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك، قوشۇمچە ئوكسىگېنسىز نەپەسلىنىدىغان بىر خىل كىچىك تاياقچە باكتېرىيە، ئىككى ئۇچى يۇمىلاق بولىدۇ. 0.4 ~ 0.7 × 1.0 ~ 3.0 مىكرومېتر كېلىدۇ، ئەتراپتا ئۆسكەن قىل ئاياغلىرى بولىدۇ. ئاگارلىق ئۆستۈرگۈچتە ئۆسىدۇ، باكتېرىيە توپى كىچىك، دۈگلەك، بۆرتۈپ چىققان، نەم پارقىراق، دائىم رەڭسىز يېرىم سۈزۈك بولىدۇ. گلۇكوزىنى ئېچىتىپ كىسلاتا ۋە گاز ھاسىل قىلىدۇ، گىدروسۇلفىد ھاسىل قىلمايدۇ، لىمونات كىسلاتاسىدىن پايدىلىنالمايدۇ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى سورتلىرى كتوىنى ئېچىتىدۇ. ئادەتتە ئادەم ۋە ھاۋانلاردا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بىراق ئۈچەيدىن باقا ئورۇنلارغا كىرىپ قالسا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مەسىلەن، سېرىقئەت ياللۇغى، ئۆت خالتا ياللۇغى، سۈيدۈك ئاجرىتىش يولىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزى كېسەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سورتلىرى بوۋاق ۋە يېڭى تۇغۇلغان چارۋا ماللاردا ئىچ سۈرۈش، ئوزۇقلۇقتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ ئۈچەي يولىدا ۋىتامىن B ۋە ۋىتامىن K نى پارازىت ئىگىسى سۈمۈرۈپ پايدىلىنىدۇ. ئۇنىڭ گەندە ئىچىدىكى سانى كۆپ بولغاچقا، ئادەتتە سۇ مەنبەلىرى ۋە بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ گەندە بىلەن بۇلغىنىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ گىگېنىلىق كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ. بەزى سورتلىرى ئامىدازا ۋە بەزى ئامىنو كىسلاتالىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. بەزى سورتلىرى پەن تەتقىقاتىنىڭ ياخشى ماتېرىيالى قىلىنىدۇ.