Lughet
DictionaryChinese粘细菌
ChineseUyghurMain Dictionary

粘细菌

باغۋەنچىلىك zhān xì jūn مىكو باكتېرىيە، شىلىمشىق باكتېرىيەDئۇنىۋېرسال zhān xì jūn يېپىشقاق باكتېرىيە، شىلىمشىق باكتېرىيەDئۇنىۋېرسال zhān xì jūn مىكسوباكتېرىيە بىئولوگىيە يېپىشقاق باكتېرىيە <خالتا سپورىلىق يېپىشقاق باكتېرىيە> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يېپىشقاق باكتېرىيە باكتېرىيىلەر ئىچىدە ھاياتلىق تارىخى بىر ئاز مۇرەككەپ بولغان بىر تۈركۈم. ئۇنىڭ ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسى قىلئايىغى بولمىغان گرام مەنپىي خاراكتېرىدىكى تاياقچە باكتېرىيە بولۇپ، باكتېرىيە تېنى يۇمشاق بولىدۇ، يالغۇز ياكى توپلىشىپ قاتتىق جىسىملارنىڭ يۈزىدە سېرىلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ھۈجەيرىسى يېپىشقاق سۇيۇقلۇق ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئۇلار قاتتىق جىسىم ئۈستىدە سېرىلىپ ھەرىكەت قىلغاندا، دائىم يېپىشقاق سۇيۇقلۇقتىن ئاز قالىدۇ. چوڭ مولېكۇلىلىق ئورگانىك ماددىلارنى پارچىلىيالايدۇ، بەزىلىرى يەنە باشقا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ھۈجەيرىلىرىنى پارچىلايدۇ. خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىپ ياشايدۇ ۋە بۆلۈنۈپ كۆپىيدۇ. مۇۋاپىق مۇھىت شارائىتىدا ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىلىرى ئۇيۇشۇپ خالتىلىق سپورا تېنىنى بىرلىكتە ھاسىل قىلىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنى ئىچىدىكى ھۈجەيرىلەر ئۇخلاش ھۈجەيرىسىگە ئۆزگىرىدۇ (ئۇ يىپىشقاق سپورا دەپ ئاتىلىدۇ.) خالتىلىق سپورا تېنىنى ئاددىي كۆز بىلەنمۇ كۆزەتكىلى بولىدۇ. خالتىلىق سپورا تېنى يېپىشقاق سپورىنىڭ تۈزۈلۈشى باكتېرىيە تۈرىنىڭ ئوخشاشماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. مۇۋاپىق شارائىتتا يېپىشقاق سپورا بىخلىنىپ نورمال ئوزۇقلىنىش ھۈجەيرىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. يېپىشقاق باكتېرىيە تۇپراق، چىرىگەن ياغاچ، دۆملىمە ئوغۇت، چىللە ھەمدە ھايۋاناتلارنىڭ گەندىلىرىگە كەڭ تارقالغان بولۇپ، چىرىندىخورلۇق ھايات كەچۈرىدۇ، بەزىلىرى بېلىقنىڭ ئۈستىدە پارازىتلىنىپ، بېلىق ژابىراسىنىڭ چىرىشى، ئۈزگۈچىسى چىرىش، قۇيرۇقى چىرىش ۋە تەن يۈزى چىرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەزىلەر سىتوفاگا تسېرۇس (Cytophagacerus) نى يېپىشقاق باكتېرىيە دەپ قارايدۇ. بىراق سىتوفاگاتسېرۇس بىلەن يېپىشقاق باكتېرىيە ئوخشىمايدۇ، سىتوفافاتسېرۇس خالتىلىق سپورا تەنچىسىنى ھاسىل قىلمايدۇ، ئۇخلاش ھۈجەيرىسىمۇ بولمايدۇ.
Rate this entry

Same word in other sources

粘细菌ChineseUyghurGetWord Corpus

Related words

粘细菌目ChineseUyghur粘细菌目ChineseUyghur粘细胞ChineseUyghur
← Search