Chinese→UyghurMain Dictionary
雌蕊
بىئولوگىيە
ئانىلىق
گۈلنى تۈزگۈچى قىسىملارنىڭ بىرى. ئۇ تۆرەلمە تۈگۈن ۋە تۆرەلمە خالتا ھاسىل قىلىدىغان ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماقتىن تۈزۈلىدۇ. گۈلنىڭ مەركىزىگە جايلىشىدۇ. بىر گۈلدىكى ئانىلىقلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئانىلىق توپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئانىلىقنى تۈزىدىغان ھالەت ئۆزگەرتكەن يوپۇرماق (چوڭ سپورىلىق يوپۇرماق) ئانىلىق ياپراقچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بىر گۈلدىكى ئانىلىق پەقەت بىر تال ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن بولسا يالغۇز ئانىلىق دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، كۆپ پۇرچاق)؛ ئىككىدىن كۆپ ئانىلىق ياپراقچىسىدىن تۈزۈلگەن بولسا مۇرەككەپ ئانىلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئانىلىق ياپراقچىلىرى ئۆز ئارا ئايرىلىپ تۇرىدىغىنى ئايرىلىپ ئۆسكەن ئانىلىق دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، ئېيىقتاپان، يالىڭاچ ماگنولىيە، بۆلجۈرگەن)؛ ئانىلىق ياپراقچىلىرى بىرلىشىپ ئۆسكىنى بىرلىشىپ ئۆسكەن ئانىلىق دەپ ئاتىلىدۇ (مەسىلەن، قىچا، كېۋەز، كۈنجۈت). ئانىلىق ئانىلىق ئاغزى، ئانىلىق بوينى ۋە ئۇرۇقداندىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. ئانىلىق ئاغزى ئانىلىقنىڭ ئۇچىغا جايلىشىدۇ، ئۇ گۈل چېڭىنى قوبۇل قىلىش، پەرقلەندۈرۈش ۋە بىخلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئانىلىق بوينى ئانىلىق ئاغزى بىلەن ئۇرۇقدان ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بولۇپ، ئانىلىق ئاغزىنى تىرەپ تۇرۇش ۋە ئوزۇقلۇق توشۇش رولىنى ئوينايدۇ؛ ئانىلىق ئاغزى ئۆزى خالايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسىنى ئۇرۇقدانغا كىرىدىغان يول بىلەن تەمىنلەيدۇ، خالىمايدىغان گۈل چېڭى نەيچىسىنى توسۇپ قالىدۇ. ئۇرۇقدان ئانىلىقىنىڭ تۈۋىدىكى چوڭ خالتىسىمان قىسىم بولۇپ، ئىچىدە تۆرەلمە تۈگۈنى بولىدۇ. ئۇرۇقلانغاندىن كېيىن ئۇرۇقدان يېتىلىپ مېۋىگە، تۆرەلمە تۈگۈنى يېتىلىپ ئۇرۇققا ئايلىنىدۇ.
ئورمانچىلىق,ئۆسۈملۈك,دېھقانچىلىق,باغۋەنچىلىك
cí ruǐ
ئانىلىقDئۇنىۋېرسال
cí ruǐ
ئانىلىق