Chinese→UyghurMain Dictionary
刺激
پسىخولوگىيە
غىدىقلاش
بۇ غىدىقلىغۇچنىڭ ئورگانىزمغا قىلغان تەسىرىدىن ئىبارەت. ئۇ غىدىقلاش ئورنىغا قاراپ بەزىدە تەسىر، بەرىدە قوزغاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئەدلىيە
cì jī
قىزىقتۇرۇش، غىدىقلاشDباغۋەنچىلىك
cì jī
غىدىقلاش، قوزغاش، تەسىر قىلىشDدېھقانچىلىق
cì jī
غىدىقلاشDمائارىپ
cì jī
غىدىقلاشDتېببىي
cì jī
قوزغاتماق، غىدىقلىماق، تەسىر قىلماقDئورمانچىلىق
cì jī
غىدىقلاش، تەسىر قوزغاش، ئويغىنىشDئۇنىۋېرسال
cì jī
قوزغاتماق
غىدىقلىماق، ئويغاتماق
قاتتىق تەسىر قىلماق
سەۋەب، سەۋەب بولماق
تۈرتكە، تۈرتكە بولماق
ھاياجلاندۇرماق
رىغبەتلەندۈرمەك
Dتەنتەربىيە
cì jī
غىدىقلاش، تەسىر قىلىشDئۆسۈملۈك
cì jī
قوزغىتىش، تەسىر قىلىش، غىدىقلاش
بىئولوگىيە
غىدىقلاش
<ستىمۇلۇس>، <قوزغىتىش>، <تەسىر قىلىش> ياكى <تۈرتكە بولۇش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئورگانىزم ياكى توقۇلمىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئورگانىزم ياكى توقۇلمىلارنىڭ بەلگىلىك ئەكس تەسىر (ئىنكاس) قايتۇرۇشىنى قوزغىتالايدىغان ئامىللارنىڭ ھەممىسى <غىدىقلاش (تۈرتكە بولۇش)> دەپ ئاتىلىدۇ. غىدىقلاش ئورگانىزمنىڭ ئىچكى، سىرتقى مۇھىتىدىن كېلىدۇ، مېخانىك، خىمىيىلىك، ئېلېكترىك غىدىقلاشلار ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ غىدىقلىشى قاتارلىقلىرى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ تومۇز ئىسسىقتا تەرلىشىمۇ مۇھىت تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ئادەم بەدىنىدىكى تېمپېراتۇرا رېتسىپتورلىرىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. مۇھىت ئۆزگىرىشىنىڭ غىدىقلاش رولىنى ئۈنۈملۈك ئويناش - ئوينىماسلىقى غىدىقلاشنىڭ سىجىللىقى، ۋاقتى ۋە سىجىللىق ئۆزگىرىش نىسبىتى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئەگەر غىدىقلاشنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئاجىزراق بولسا، غىدىقلاش ۋاقتىنىڭ قانداقلا ئۇزۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، توقۇلمىنىڭ غىدىقلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ؛ ئەكسىچە، غىدىقلاش ۋاقتى بەكمۇ قىسقا بولسا غىدىقلاش (سىجىللىقى) قانچە كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشاشلا توقۇلمىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. يۇقىرى چاستوتىلىق ئۆزگىرىشچان توكتىن پايدىلىنىپ مۇسكۇلنى غىدىقلىغاندا، غىدىقلاش سىجىللىقى ئون نەچچە ئامپېرغا يەتسىمۇ غىدىقلاش ۋاقتى بەكمۇ قىسقا بولغانلىقتىن مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقرالمايدۇ. پەقەت توك بىلەن ئىسسىتىش ئېففېكتىلا يۈز بېرىدۇ. ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلىدىمۇ شۇ پرىنسىپتىن پايدىلىنىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا غىدىقلاش سىجىللىقى يەنە بەلگىلىك ئۆزگىرىش نىسبىتىگە ئېھتىياجلىق، يەنى غىدىقلاش سىجىللىقى ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۆلدىن تېزلىك بىلەن بەلگىلىك قىممەتكە ئۆرلىشى ياكى بەلگىلىك قىممەتتىن نۆلگە تۆۋەنلىشى كېرەك، شۇ چاغدىلا ئۈنۈملۈك ھالدا غىدىقلاش رولىنى ئوينىيالايدۇ. ئەگەر غىدىقلاش سىجىللىقى ئاستا - ئاستا ئۆرلەپ چەكتىن (<چەككىچە غىدىقلاش> قا قاراڭ) نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتكىنى بىلەنمۇ توقۇلمىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايدۇ. تۇراقلىق توك بىلەن مۇسكۇلنى غىدىقلىغاندا توكقا ئۇلىغان ۋە ئۈزۈۋەتكەندىكى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچىلىك ئارىلىقتىلا مۇسكۇلدا قىسقىراش يۈز بېرىدۇ. توك ئېقىمى مۇسكۇلدىن مۇقىم ھالدا ئۆتكەن مەزگىلدە قىسقىراش رېئاكسىيىسى كۆرۈلمەيدۇ. غىدىقلاش يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋانلار ۋە ئادەملەرگە قارىتا ئۆزىنىڭ فىزىكىلىق ۋە خىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بەلگىلىك بىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ئورگانىزمنىڭ ئالاھىدە ئىنكاسىنى قوزغايدىغان سىگنالغا ئايلانغان (شەرتلىك رېفلېكسقا قاراڭ). ئىنسانلارنىڭ سۆز ئارقىلىق غىدىقلىشى بولسا، سۈپەت جەھەتتىكى بىر سەكرەش ھېسابلىنىدۇ. سۆز ئاددىيلا ئاۋاز دولقۇنىنىڭ تەسىرى بولماستىن، بەلكى ئۇ ئىپاىلەۋاتقان مەزمۇن ۋە مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھەر خىل كونكرېت غىدىقلاشلار يىغىنچاقلانغان ۋە ئابستراكتلاشقان بىر سىگنال (<سىگنال سىستېمىسى> گە قاراڭ) ھېسابلىنىدۇ.
پسىخولوگىيە
تەسىر
غىدىقلىغۇچ (ياكى قوزغاتقۇچى) نىڭ ئورگانىزىمدا قوزغىلىش پەيدا قىلىش رولى تەسىر دېيىلىدۇ. ئورگانىزمدىكى تۈرلۈك (ھەرخىل) رېتسېپتورلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەسىرلىرى (نۇر كۆزىگە، تاۋۇش قۇلاققا خاس تەسىر كۆرسىتىدۇ) بولىدۇ. مۇنداق خاس تەسىرلەر «ماس تەسىر» دەپ ئاتىلىدۇ. بەك ئاجىز تەسىر ئورگانىزمدا رېئاكسىيە پەيدا قىلالمايدۇ. مۇنداق تەسىر ئۈنۈمسىز تەسىر دېيىلىدۇ. تەسىرنىڭ ئۈنۈملۈك، ئۈنۈمسىزلىك چېكى «تەسىر چېكى» دەپ ئاتىلىدۇ. تەسىرنىڭ ئورگانىزمىدا رىئاكسىيە پەيدا قىلىش - قىلالماسلىقى تەسىرنىڭ خاراكتېرى بىلەن كۈچىگە باغلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئورگانىزمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگىمۇ باغلىق. تىل ئىنسانلارغىلا خاس بولغان بىر خىل مۇرەككەپ تەسىر.