Chinese→UyghurMain Dictionary
雌核发育
Domain: بىئولوگىيەئانىلىق يادروسى يېتىلىش
ئەسلى مەنىسى ئاتىلىقسىز كۆپىيىشنىڭ بىر خىل ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت. يەنى، سپېرما تۇخۇمغا كىرگەندىن كېيىن، سپېرما يادروسى تۇخۇم يادروسى بىلەن قوشۇلماي رودىمېنتلىشىپ كېتىدۇ. تۇخۇم يادروسى غىدىقلىنىپ بۆلۈنگەندىن كېيىن يېتىلىپ تۆرەلمىگە ئايلىنىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر يىراق تۈرنىڭ گۈل چېڭى بىلەن چاڭلانغاندا مۇشۇ خىل ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سۆزنىڭ يەنە بىر مەنىسى: چاڭلانمىغان ئۇرۇقدان ياكى تۆرەلمە تۈگۈنىنى ئۆستۈرگەندە تۆرەلمە خالتا ھۈجەيرىسى ئۇرۇقلىنىشتىن ئۆتمەيلا يېتىلىپ تۆرەلمە ۋە ئۆسۈملۈك تۈپىگە ئايلىنىدىغان ھادىسە. بۇنىڭ ئىرسىيەت ئۈنۈمى ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، بۇمۇ ئانىلىق يادرو يېتىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە پەيدا بولۇش جەريانى پۈتۈنلەي ئوخشاش.
Domain: باغۋەنچىلىكcí hé fā yù
ئانىلىق يادرونىڭ يېتىلىشى
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.