Uyghur←ChineseMain Dictionary
چۇشىنىپ ئەستە قالدۇرۇش
پسىخولوگىيە
意义识记
yì yì shí jì
مەنىلىك ئەستە قالدۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ شەيئىنىڭ ئالاھىلىكى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى باغلىنىشلارنى چۇشىنىش ئارقىلىق ئەستە قالدۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەستە قالدۇرۇشقا تېگىشلىك ماتېرىيالنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىچىكى باغلىنىشلىرىنى ئانالىز قىلىپ ھەمدە ئۇنى مۇمكىن قەدەر ئەسلىدىكى بىلىم، تەجرىبىلەر بىلەن يۇغۇرۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ كۆپ خىللىق ۋە سىستېمىلاشقان باغلىنىش شەكىللەندۈرۈلسە، ئەتراپلىق، تېز، توغرا، پۇختا ئەستە قالدۇرغىلى بولىدۇ. چۇشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشنىڭ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى چوڭ مېڭە پوستلىقىدا سۆز - ئىبارىلەر بىلەن شەكىللەنگەن نۇرغۇن ئومۇمىيلاشتۇرۇلۇپ سىستېمىلاشتۇرۇلغان ۋاقىتلى نېرۋا باغلىنىشلىرى بولۇپ، بۇ نېرۋا باغلىنىشلىرى يەنە ئىلگىرى شەكىللەنگەن نېرۋا باغلىنىشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. مېخانىك ئەستە قالدۇرۇشقا قارىغاندا، چۇشىنىپ ئەستە قالدۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ.