UyghurMain Dictionary
چۇقا
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ چۇقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، چۇقىغا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ،
ئېگىزلىكى 60 ~ 120 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى كونۇسسىمان، تۆۋەن قىسمى چاتاقلىغان بولۇپ، تاشقى پوستى سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، غولى تۆت
قىرلىق، بەزسىمان يۇمشاق تۈكچىلىرى بولىدۇ؛ تۆۋەن قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ، ئۈستۈنكى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى
نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇمسىمان تېمىنە شەكلىدە، گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان بولىدۇ؛ گۈل رېتى چەكلىك
كۈنلۈكسىمان بولۇپ، يېيىلىپ ئېچىلغاندا كونۇسسىمان شەكلىگە كىرىدۇ. گۈلى قارامتۇل سۆسۈن رەڭدە، گۈل سېپى ئىنچىكە ئۇزۇن، بەزسىمان
تۈكچىلىرى بولىدۇ. غوزا مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كەچ كۈزدە كولىۋېلىپ، قۇرۇپ كەتكەن غول ۋە
بىخلىرىنى ئېلىۋېتىپ، ئاپتاپتا يېرىم قۇرۇتۇپ، دۆۋىلەپ قويۇلىدۇ. ئۈچ - تۆت كۈندىن كېيىن نېپىز كېسىپ، يەنە ئاپتاپقا سېلىپ تولۇق قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلىرىدىكى مۆتىدىل كىلىماتتا
ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، ياللۇغنى ۋە زەھەرنى ياندۇرۇش، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، تامغاق ۋە
كېكىردەكنى ياخشىلاش، ساپ خىلىت ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 8 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
چۇقىدىن 12 گرام، ئۈچقاتتىن 10 گرام، يەر توزغىقىدىن سەككىز گرام، يالپۇزدىن تۆت گرام، چۈچۈكبۇيىدىن بەش گرام ئېلىپ سۇدا
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بادامسىمان بەز ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
15 گرام چۇقىنى سەككىز گرام چاكاندا، 35 گرام خام گەج، 12 گرام ئۈجمە يىلتىزىنىڭ ئاق پوستى، 10 گرام سوغىگۈل بىلەن بىللە
قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆپكە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چۇقىدىن 20 گرام، سوغىگۈلدىن 18 گرام، ياز غازىڭىدىن 20 گرام، ئوتقا قاقلاپ پىشۇرۇلغان سەكسەن پۇتتىن بىر تال ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ،
كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئۇدا ئون كۈن ئىچىپ بەرسە، بويۇن لىمفا سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
35 گرام چۇقىنى 30 گرام ئۈچقات، 20 گرام كىرەش، 30 گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، قان
ترومبىسى خاراكتېرلىك تومۇر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
چۇقىدىن 35 گرام، كىرەشتىن 20 گرام، مودەن يىلتىز پوستىدىن 12 گرام، شاپتۇل مېغىزىدىن 10 گرام، ئۈچقات پىلىكىدىن 35 گرام،
سىرىس قوۋزىقىدىن 30 گرام، قۇرۇتۇلغان سازاڭدىن 12 گرام، چۈچۈكبۇيىدىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان ترومبىسى
خاراكتېرلىك تومۇر ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيە
چۇقا ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك، يىلتىزى بىر قانچە تال بولىدۇ. گۆشلىشىدۇ، ئۇرچۇقسىمان ياكى تۇرۇپ شەكىللىك بولىدۇ. غولى تۆت چاسا بولۇپ، ئېرىقچىلار، سىلىق ياكى بەزسىمان يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ. تۆۋەن تەرىپىدىكى يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. سېپى ئۇزۇن بولىدۇ، يۇقىرى تەرىپىدىكى يوپۇرمىقى بەزىدە نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، قىسقا سېپى بولىدۇ. يوپۇرماق ئالىقىنى تۇخۇمسىماندىن تۆمۈنە شەكىللىككىچە، كەينى يۈزىدە شالاڭ ئىنچىكە تۈكچىلەر بولىدۇ. مۇرەككەپ كۇنۇسسىمان گۈل رېتى چوڭ ھەم شالاڭ بولۇپ، ھەر قايسى ئوقىدا بەزلىك تۈكچىلەر بولىدۇ؛ كىچىك مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى 2 - 4 قايتىلىنىپ شاخلىنىدۇ؛ گۈلتاجى قىزغۇچ سۆسۈن بولۇپ، ئۈستۈنكى كالپۇكى ئاستىنقى كالپۇكىدىن روشەن دەرىجىدە ئۇزۇن بولىدۇ. غوزا مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى جېجياڭ نىڭبو بولۇپ، ئۇ جياڭسۇ، جېجياڭ، ئەنخۇي، جياڭشى قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارقالغان. ئۇ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1700 مېترغىچە بولغان ئېرىق بويى، ئورمان ۋە ئېگىز ئوتلاقلاردا ئۆسىدۇ. تېرىپمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، مەنپىيلىكنى ئۆستۈرۈپ قۇرغاقلىقنى نەمدەش، ئىسسىقنى ھەيدەپ زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، ئاساسەن كېزىكتىن بولغان مەنپىيلىك زەخىملىنىش، بوغۇزى ئىششىش، ئەسۋە، تىلما، چاشقان يارىسى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
چۇقا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى تىك، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە بولۇپ، ئۇدۇل ئۆسىدۇ؛ يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، يۈرەكنى كۈچەيتىش، قىزىتمىنى قايتۇرۇش، ياللۇغلىنىشنى توسۇش رولىغا ئىگە.