UyghurMain Dictionary
چۇپۇرشاڭ
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كرېست گۈللەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق، چۇپۇرشاڭغا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 20 - 40 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ غولى تىك، يوپۇرماق قولتۇقىدىن شاخلايدۇ؛ تۈۋىدىن ئۆسكەن يوپۇرماقلىرىنى
توپلىشىپ، يەر بېغىرلاپ ئۆسىدۇ، پەيسىمان يېرىلىدۇ، غولىدىن ئۆسكەن يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، تېمىنە شەكلىدە، تۈۋى قىسمى غولىنى
ئوراپ تۇرىدۇ. گىرۋىكىدە دولقۇنسىمان ھەرە چىشلىرى بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى ئۇچىدىن ۋە قولتۇقىدىن ئۆسىدۇ، گۈلى كىچىك، رەڭگى ئاق،
گۈل تاجى ياپرىقى تۆت تال بولىدۇ. قىسقا مۈڭگۈزلۈك مېۋىسى ياپىلاق، تەتۈر ئۈچ بۇرجەكلىك بولۇپ، ئۇچى ئازراق ئويمان بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يازدا گۈلى ئېچىلغاندا گۈلى ۋە پۈتۈن چۆپىنى يىغىۋېلىپ،
تازىلاپ، كېسىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز - ئېرىق ۋە يول
بويلىرىدا ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەت پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان توختىتىش، ئىچ سۈرۈش ۋە تولغاقنى توختىتىش
خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
70 ~ 140 گرام ھۆل چۇپۇرشاڭنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
100 گرام چۇپۇرشاڭنى دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
35 گرام چۇپۇرشاڭ گۈلىنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 چۇپۇرشاڭ گۈلىنى 35 گرام يارماقگۈل، 04 گرام قۇشقاچتىلى بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام چۇپۇرشاڭ گۈلىنى 30 گرام بارماقگۈل، 35 گرام قۇشقاچتىلى، مۇۋاپىق مىقداردا چوڭ خوخا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، سۈيدۈكتە ئاقسىل كۆپ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چۇپۇرشاڭ گۈلىنى 35 گرام قۇشقاچتىلى، 40 گرام بارماقگۈل، 20 گرام يالمانقۇلاق بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ
بەرسە، قان سىيىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مۇۋاپىق مىقداردىكى چۇپۇرشاڭنى سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ياكى يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئاقسىل ئارىلاش سىيىش، ئۈچەي
ياللۇغى، تولغاق، كۆزى قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىش، قان تۈكۈرۈش، قان سىيىش، بالىياتقۇدىن قان كېلىش قاتارلىقلارغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگونىڭ جەنۇبىدىكى خەلقلەر ئارىسىدا »كەلگەندە ئۈچىنچى ئاينىڭ ئۈچىگە، چۇپۇرشاڭ تولار شىپالىق كۈچىگە« دېگەن تەمسىل بار. ھەر قېتىم چوكانتال (كۆكلەم) مەزگىلىگە كەلگەندە ئاياللار ۋە بالىلار ئېتىز - ئېرىق ياقىلىرىدىن كىشىلەرنىڭ ئانچە دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىمايدىغان بىر خىل ياۋا چۇپۇرشاڭنى تېرىپ كېلىپ، چۆچۈرە، تۈگرە (بەنشىر) ۋە تۈرمەل قاتارلىق تاماقلارنى ئېتىپ يەيدۇ.
چۇپۇرشاڭنىڭ تەمى ئالاھىدە مەززىلىك، تەركىبىدە11 خىل ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقىرى.
چۇپۇرشاڭ ئادەتتە چوكانتال ئوتيېشى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ كرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق ياكى ئىككى يىللىق سامان غوللۇق ياۋا ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېتىز - ئېرىق ياقىلىرى ۋە بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدۇ.
ھازىرقى زامان مېدىتسىنا تەتقىقاتلىرىدىن قارىغاندا، چۇپۇرشاڭ تەركىبىدە خولىن، ئاتسېتىل خولىن، روتىنوزىد، رۇتىن، رېزېدان قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىيالايدىكەن. يەرلىك خەلقلەر دائىم چۇپۇرشاڭ ئۇيۇتمىسى ئارقىلىق يۇقىرى قان بېسىمى، ئۈچەي - ئاشقازان ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، تولغاق (دېزېنتېرىيە) قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالايدىكەن.
شاڭخەيدە چۇپۇرشاڭنى ئالاھىدە كۆكتات سۈپىتىدە تېرىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى يىل بويى تەمىنلەيدىكەن. شاڭخەيدە يەنە بىر »ياۋا چۇپۇرشاڭ تائاملىرى (يېۋىشياڭ)« دەيدىغان بىر ئاشخانا ئېچىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەخسۇس گۆشلۈك ياۋا چۇپۇرشاڭ چۆچۈرىسى سېتىلىدىغان بولغاچقا، ئاشخانىنىڭ داڭقى پۈتۈن مەملىكەتكە تارالغان.