Chinese→UyghurMain Dictionary
春香传
دۇنيا تارىخى
چۇن شياڭنىڭ تەجىمىھالى
چاۋشيەننىڭ كلاسسىك رومانى، سەھنە ئەسىرى. ئاپتورى نامەلۇم. يېزىلىپ پۈتكەن ۋاقتى تەخمىنەن لى سۇلالىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىگە توغرا كېلىدۇ. ھەر خىل نۇسخىلىرى 20 خىلدىن ئاشىدۇ. ئەسلى سەھنە ئەسىرى قىلىنىپ سەھنىدە ئوينىلىپ كەلگەن، كېيىن بارا - بارا رومان بولۇپ شەكىللەنگەن. تېمىسى جۇڭگونىڭ تىياتىرى <يۈتاڭچۇن> بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھېكايىنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى مۇنداق: نەنيۇەن مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى لى خەنلىننىڭ ئوغلى لى مىڭلوڭ رەققاس يۆمېينىڭ قىزى چۈن شياڭنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. لى مىڭلوڭ دادسىنىڭ مەرتىۋىسى ئۆسۈپ پايتەختكە كېتىدىغان بولغانلىقتىن چۈن شياڭ بىلەن ئايرىلىپ كېتىدۇ. نەنيۇەن مەھكىمىسىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئەمەلدارى بيەن شۆداۋىنىڭ چۈن شياڭنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قەستى رەت قىلىنغانلىقتىن چۈن شياڭ زىندانغا تاشلىنىدۇ. بۇ چاغد الى مىڭلوڭ يوشۇرۇن تەپتىش بېگى سالاھىيىتى بىلەن نەنيۇەنگە كېلىپ چۈن شياڭنى قۇتۇلدۇرۇپ، بيەن شۆداۋنى جازالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى ۋىسال ئارزۇسىغا يېتىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ تىلى گۈزەل بولۇپ، ۋەقەلىكى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئۇنى پۈتۈن چاۋشيەن خەلقى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. ھازىر ئوينلىۋاتقان سەھنە ئەسىرى شىن زەيشاۋ (1812 - 1884) تۈزگەن سەھنە ئەسىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى.