Uyghur←ChineseMain Dictionary
چۇما كېسىلى
Domain: ئۇنىۋېرسال黑死病
hēi sǐ bìng
Domain: دۇنيا تارىخى黑死病
hēi sǐ bìng
بىرخىل تارقىلۇچان لىمفا بېزى چۇماسى. ⅣⅩ ئەسىردە ياۋرۇپادا يامراپ كەتكەن. چاشقان بىلەن بۈرگە ئۇنى تارقاتقۇچى ۋاستىدۇر. بۇ كېسەلنىڭ ئالامىتى كۆپ ھاللاردا يۇقىرى قىزىتما، لىمفا بېزى ئىششىش، قان قۇسۇش، تېرىدە قارا داغلار پەيدا بولۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئومۇمەن بۇ كىسەل ئەڭ ئاۋۋال 1374 - يىلى ئاسىيادىن ئىتالىيەنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىغا تارقىلىپ كىرگەن، دەپ قارىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە بۇ كېسەل بىر قانچە ئون يىللار ئىچىدە جەمئىي 24 مىليون ياۋرۇپالىقنى ھاياتىدىن ئايرىغان، بۇ ئەينى چاغدىكى ياۋرۇپا ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن 1/4 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. چۇما كېسىلى 1384 - يىلى ئەنگىلىيە ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى ھاياتىدىن ئايرىپ، شەھەر - يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرى جىددىي ئازىيىىپ كېتىش، ئاشلىق باھاسى ئۆرلەش، ياللانما ئىشچىلار ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىنىپىي زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئېلىپ بارغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.