Uyghur←ChineseMain Dictionary
چۇيبالسان
دۇنيا تارىخى
乔巴山
qiáo bā shān
(1895 - 1952) موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ رەئىسى (1939 - 1952). نامرات چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 16 يېشىدا كورۇلۇن (ھازىرقى ئولانباتۇر) غا كەلگەن. كېيىن ئىركوتىسكىدا ئوقۇغان. 1919-يىلى كورۇلۇندا ئىنقىلابىي گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرغان. 1919-يىلى كورۇلۇندا ئىنقىلابىي گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرغان. 1921-يىلى شۇخە باتۇر بىلەن بىللە موڭغۇلىيە خەلق پارتىيىسىنى تەشكىللەپ، موڭغۇلىيە خەلق ئىنقىلابىغا رەھبەرلىك قىلغان، كېيىن ئۇدا پارتىيە مەزكىزىي كومىتېت ئەزاسى، پرېزدىئۇم ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بولغان. 1921 - 1923 - يىللىرى موڭغۇلىيە خەلق ئارمىيىسى مۇئاۋىن باش قوماندانى، قوشۇمچە سىياسىي كومىساسر بولغان. 1924 - 1928 - يىللىرى باش قوماندان بولغان، 1928 - 1930 - يىللىرى كىچىك قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى بولغان. 1928 - 1930 - يىللىرى كىچىك قۇرۇلتاينىڭ رەئىسى بولغان. 1930-يىلى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، 1935 - 1939 - يىللىرى مىنىستىرلار سوۋېتىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن رەئىسى، كېيىن رەئىسى بلغان. 1936 - يىلى مارشال بولغان. 1945-يىلى ئارمىيىنى باشلاپ ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان.