UyghurMain Dictionary
چۈشۈرمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<چۈشمەك> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئوردا دەرۋازىسىغا يەتكەندە، كۈتۈپ تۇرغان ئوردا بېگى ئەزىز بەگنىڭ قولتۇقىدىن ئېلىپ، ئاتتىن چۈشۈردى.
پەسكە ئالماق، پەسكە قويماق.
يۈكنى چۈشۈرمەك.
ئوقۇماق، ئادا قىلماق.
داموللام: - مەرھۇمنىڭ دەرھال نامىزىنى چۈشۈرۈپ، يەرلىكتە قويۇۋېتىش كېرەك، - دەپ بۇيرىدى.
يېزىپ قالدۇرماق، يازماق، سىزماق.
<جاھالەتنىڭ جاپاسى> ناملىق بىر درامىنىڭ لايىھىسىنى قۇرۇپ، قەغەزگە چۈشۈرۈپ قويغانىدىم.