UyghurMain Dictionary
چۈشىنىش
پسىخولوگىيە
كىشىنىڭ شەيئىلەرنىڭ باغلىنىشى ۋە مۇناسىۋەتلىرىنى بىلىش، ئاندىن ئۇلارنىڭ ماھىيىتى بىلەن قانۇنىيەتلىرىنى ئېچىشتىكى بىر خىل تەپەككۇر پائالىيىتى. ئىككىنچى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا، چۈشىنىش شەيئىلەر ئارىسىدىكى باغلىنىشنى ئېچىش ئارقىلىق يېڭى شەيئىنى بىلىش جەريانى، ئۇنىڭ سەۋىيىسى باغلىنىشلارنىڭ ئېچىلىش خاركتېرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. بەزىدە شەيئىلەر ئارىسىدىكى تاشقى باغلىنىشنى ئېچىپ چۈشىنىش بولىدۇ، مەسىلەن: بىر يېڭى شەيئىنى ئىلگىرى بىلىدىغان مەلۇم تۈردىكى شەيئىگە كىرگۈزۈش. بەزىدە شەيئىلەرنىڭ ئىچكى باغلىنىشىنى ئېچىپ چۇشىنىش بولىدۇ. مەسىلەن: شەيئىلەر ئارىسىدىكى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاش، شەيئىنى چۇشىنىش ۋاقتىدا ئىلگىرىكى بىلىمنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ ياكى ئىلگىرىكى بىلىم ئاساسىدا يېڭى بىلىم ئىگلىنىدۇ. چۈشىنىش جەريانى ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە (ئىككى خىل) بولىدۇ: بىۋاسىتە چۈشىنىش كىشىنىڭ ئۆز بېشىدىن كەچۇرگەن تەجرىبىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ؛ ۋاسىتىلىك چۈشىنىش بىر قاتار ئانالىز - سىنتېز جەريانىدىن ئۆتكۈزۈلگەن باسقۇچتۇر. ئەڭ باشتا مۇجمەل (غۇۋا)، دېففېرېنسىيىلەنمىگەن چۈشىنىش بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئېنىق، روشەن، دېففېرېنسىيىلەنگەن چۇشىنىشكە ئۆتىدۇ. ئەمەلىيەت چۇشىنىشنىڭ ئاساسى. يەنى چۈشىنىش ئىلگىرىكى ۋاقتىلىق باغلىنىشلار ئاساسىدا يېڭى ۋاقىتلىق باشلىنىشلارنى شەكىللەندۈرۈشتۇر. ئۆز سۆزى بىلەن تەكرار بايان قىلىش، مۇستەقىل ھالدا مىسال كەلتۇرۇش، مەلۇم پرىنسىپ بويىچە ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىشلارنىڭ ھەممىسى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەنگەنلىكنى ئىپادىلەيدۇ.