UyghurMain Dictionary
چۈنكى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سەۋەب باغلىغۇچى. قوشما جۈملىدە باش جۈملە بىلەن بېقىندى جۈملىنى باغلايدۇ، باش جۈملىدە ئېيتىلغان ئىش _ ھەرىكەتنىڭ سەۋەبىنى بىلدۈرىدۇ.
« زىراكى »،« نىچۇككى » كلاسسىك ئەدەبىياتتىلا ئوچرايدۇ، پاسسىپ سۆز.
ئىلىمسىز قازىنى « ئېشەك » دېمە، چۈنكى بۇ ئېشەككە تۆھمەت. مەن تويغا بارمايمەن، سەۋەبى ئېنىق، ساقلىقىم يوق. بازارغا كېتىمەن، نېمىشقا دېسەڭ، ئىسسىققا چىدىمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
باغلانما
پارىسچە
باش جۈملە بىلەن ئەگەشمە جۈملىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كېلىدىغان سەۋەب باغلىغۇچىسى بولۇپ، <سەۋەبى>، <سەۋەب شۇكى> دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
مەن جاۋاب بېرىشتىن قاچتىم. چۈنكى، بوۋاي ئەھۋالنى مومامغا ئېيتسا، مېنى بالىلارغا قوشماي قوياتتى - دە، ئوينىيالمايتتىم.