Uyghur←ChineseMain Dictionary
چۈەنجۇڭ ئارىلى ئۇرۇشى
Domain: دۇنيا تارىخى川岛之战
chuān dǎo zhī zhàn
ياپونىيە يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى فېئودال خوجىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش. جافى (ھازىرقى ياماناسى ناھىيىسى) نىڭ خوجىدارى تاكېتا بىلەن يۆخو (ھازىرقى نىگاتا ناھىيىسى) دىكى چيەنچۇيچۈەن دەرياسى بىلەن شىچۈەن دەرياسى قوشۇلغان جايدىكى تۈزلەڭلىك رايوننى تالىشىش يۈزىسىدىن كاۋانكاجىما ئارىلىدا بەش قېتىم جەڭ قىلىشقانىدى. 1561-يىلدىكى جەڭنىڭ كۆلىمى ھەممىدىن چوڭ ئىدى. بۇ جەڭدە تاگېتا پىلتىلىق مىلتىق ئىشلەتكەنلىكتىن غەلىبىگە ئېرىشكەن. ئىككى تەرەپ بۇنىڭغا ئەمەلىي كۈچىنى سەرپ قىلىپ، يېغىلىق ۋەزىيىتىدىن ئاستانە ئەتراپىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.