Uyghur←ChineseMain Dictionary
چىرمىغۇچ
Domain: بىئولوگىيە卷须
juǎnxū
غول ياكى يوپۇرماقنىڭ ھالەت ئۆزگەرتىشىدىن ھاسىل بولغان بۇرۇتسىمان ماددا، ئۇ كۆپرەك ياماشقۇچى غولدا ھاسىل بولىدۇ، غول ئۇ ئارقىلىق باشقا نەرسىلەرگە يېپىشىپ يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. ئۇنىڭ غولىدىن ئۆزگىرىپ كەلگىنى غول چىرمىغۇچىسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ئۈزۈم، تەرخەمەك. يوپۇرماقتىن ئۆزگىرىپ كەلگىنى يوپۇرماق چىرمىغۇچىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن، سويا پۇرچاق پەيسىمان مۇرەككەپ يوپۇرمىقىنىڭ ئۇچىدىكى بىر قانچە كىچىك يوپۇرماق ۋە پىلپىلنىڭ ھەمراھ يوپۇرمىقى ھالەت ئۆزگەرتىپ چىرمىغۇچقا ئايلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.