UyghurMain Dictionary
چىقىم
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەرخىل ئىشقا سەرپ قىلىنغان مەبلەغ.
دارامەت، كىرىم
ھەرخىل يول بىلەن كىرگۈزۈلگەن مەبلەغ
دارامىتىڭگە قاراپ خىراجەت قىل. يوليورۇق توغرا بولسا، چىقىم كىرىمگە ئايلىنار. چىرايلىقنىڭ چىقىمى تولا. كىرىم بىلەن چىقىم - قېرىنداش تۇغقان، كىرىمىڭنى چىقىمىڭ بىلەن ئۆلچە. دۇنيادا ئېلان كىرىمى ئەڭ كۆپ دۆلەت ئامېرىكا بولۇپ، ھەر يىللىق كىرىم كىشى بېشىغا 500 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتكە سەرپ قىلىنىدىغان پۇل.
مائارىپ خىراجىتى يېتىشمەيۋاتىدۇيۇ، مېھمانخانا سېلىشقا ئېشىپ _ تېشىپ ياتىدۇ. ئىش راسخورتىنى تېجەش _ دۆلەتنىڭ چاقىرىقى. چىقىمنى ئازايتىپ، كىرىم مەنبەسىنى ئېچىش مالىيىنىڭ ياخشىلىنىشىدا رول ئوينىدى. سەرپىياتنى ئازايتىش ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<مال> سەرپ قىلىنغان ياكى سەرپ قىلىنىدىغان مەبلەغ؛ خىراجەت.
مەمۇرىي چىقىم. كىرىم ۋە چىقىم. چىقىم قىلماق.
كۆچمە. زىيان - زەخمەت؛ ئۆلۈم، قۇربان (ئۇرۇش، جەڭدە).
چىقىمغا ئۇچرىماق. چىقىم تارتماق.