—Reference
چۆپ بىلەن چىنار
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ۋايىغا يەتكەن چۆپ يېڭى ئۆسۈپ چىققان چۆپتىن:
- بوران چىققاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ - دەپ سوراپتۇ.
- مەن قەيەردىن بىلەي؟
- ئۇنداقتا بىلىپ قوي: بوران ئوڭ تەرەپتىن چىقسا سول تەرەپكە، سول تەرەپتىن چىقسا ئوڭ تەرەپكە ئىگىل. قارشىلىق كۆرسەتكۈچى بولما، بولمىسا ئاۋۇ ياتقان چىناردەك ھالاك بولىسەن.
باش ئېگىپ ياشىغان مىڭ يىلدىن كۆرە،
ئەلادۇر بىر سائەت تۇرغىنىڭ ئۆرە...