Uyghur←ChineseMain Dictionary
چوققىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما
بىئولوگىيە
顶端分生组织
dǐngduānfēnshēngzǔzhī
ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىز ئۇچى ياكى مايسا ئۇچىغا جايلاشقان، ھۈجەيرىسى ئۈزلۈكسىز بۆلۈنۈش ئاكتىپلىقىغا ئىگە بولغان توقۇلما. چوققىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلمىدىن تەشكىل تاپقان ئۆسۈش ئۇچى ئۆسۈش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ. چوققىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما بىر ياكى بىر توپ ئۇزۇن مەزگىل بۆلۈنۈش ئىقتىدارىنى ساقلايدىغان ئىپتىدائىي ھۈجەيرە ۋە ئۇنىڭ بۆلۈنۈش ئىقتىدارى بولغان تۇغۇندى ھۈجەيرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ بۆلۈنۈشىدىن ھاسىل بولغان ھۈجەيرىلەر ئۆسۈش ۋە دىففېرېنسىيىلىنىش ئارقىلىق ھەر خىل توقۇلمىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن مايسا ۋە يىلتىزنىڭ ئۇچى داۋاملىق ئۆسىدۇ ھەمدە مايسىنىڭ ئۇچىدىن يوپۇرماق ۋە گۈل ھاسىل بولىدۇ. يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر مايسىسىنىڭ ئۇچىدىكى چوققىدىكى بۆلۈنگۈچى توقۇلما دەسلەپكى غىلاپ بىلەن دەسلەپكى تەنىدىن ئىبارەت ئىككى رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دەسلەپكى غىلاپ بىر ياكى بىر قانچە قەۋەت سىرتتىن ئوراپ تۇرغان ھۈجەيرىدىن تۈزۈلىدۇ. ئاساسەن غولىغا تىك بۆلۈنۈپ يۈزىنى ئارتتۇرىدۇ. دەسلەپكى تەن دەسلەپكى غىلاپ بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ ھەر خىل يۆنىلىشتە بۆلۈنۈش ئارقىلىق ئۆز ھەجىمىنى ئارتتۇرىدۇ.
باغۋەنچىلىك
顶生分生组织
dǐng shēng fen shēng zǔ zhī