UyghurMain Dictionary
چوپان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
قوي باققۇچى، مالچى، پادىچى:
مەنئ قىلدى زەكاتنى چوپانلار،
ئۆشرەنى ھەم ئۇنۇتتى دېھقانلار.
موللا قۇربان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پادىچى، يىلقچى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مال - چارۋىنى باقىدىغان كىشى.
مالنى كېپەككە ئال، مالچىنى ئالتۇنغا. قوينى قويچى باقار، بۆرە مارار. قويچىدىن باجاڭ بولسا، قويۇڭ قوشكېزەك تۇغار. ئەقىل پادىشاھتۇر بەكمۇ مېھرىبان، قويلارنى بۆرىدىن قوغدىغان چوپان. بوزنى ئېچىشتا ساپان لازىم، مالنى بېقىشقا چوپان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پادا باققۇچى. قەدىمكى قاڭقىل نامىدا ئاتالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 12 جەمەتىدىن بىرىنىڭ نامى.