UyghurMain Dictionary
چون بونجۇن
دۇنيا تارىخى
(1854 - 1895) چاۋشيەن جياۋۇ دېھقانلار ئۇرۇشى داھىيىسى. كىچىك ئەمەلدار ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. چوللادو ۋىلايىتى كوبۇ ناھىيىسىدىن. دادىسى يېزا ئوقۇتقۇچىسى. ياش ۋاقتىدا دېھقانلار كۈرىشىگەقاتناشقان. 1874-يىلى شەرق مەسلىكى مەزھىپىگە قاتناشقان. 1894-يىلى 2-ئايدا دېھقانلار قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئۇزاققا قالماي بەيشەن تېغىنى ئىگىلەپ، دېھقانلار ئارمىيىسى قوماندانلىق شتابىنى قۇرۇپ چىققان. شەرق مەسلىكى مەزھىپىنىڭ مۇرىتلىرى ۋە كەڭ دېھقانلار ئارقا - ئارقىدىن ئارمىيىگە قاتنىشىپ، چون بونجۇن باش گېنېرالىققا كۆرسىتىلگەن. دۆلەتكە ياردەملىشىپ، خەلقنى خاتىرجەم قىلىش، ياپون ئالۋاستىلىرىنى يوقىتىش، ھوقۇقدار ئېسىلزادىلەرنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاش قاتارلىق كۈرەش پروگراممىلىرىنى جاكارلىغان. 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، دېھقانلار ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ، كوبۇغا يىراق بولمىغان خۋاڭتۇجەن دېگەن جايدا ھۆكۈمەتنىڭ جازا يۈرۈشى قوشۇنىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان؛ ئارقىدىنلا چونجونى ئىشغال قىلغان. 6 - ئايدا ھۆكۈمەت بىلەن سۈلھ قىلغان. 9 - ئايدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرى لى سۇلالىسى فېئودال ھۆكۈمرانلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دېھقانلار ئارمىيىسىگە بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلغان. ئۇ يەنە بىر قېتىم قوشۇن باشلاپ چىقىپ چۈنچوندونىڭ مەركىزى گوڭجۇغا ھۇجۇم قىلغان، ئاخىرى ياپونىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېڭىلگەن. 12 - ئايدا ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىككىنچى يىلى 4 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مەردلەرچە قۇربانبولغان.