UyghurMain Dictionary
چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ سىستېمىلىق پائالىيىتى
پسىخولوگىيە
بۇ چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى فونكسىيىنىڭ سىستېمىلىقلىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ ئىنچىكىلىك بىلەن ئانالىز - سىنتىز قلىش ئارقلىق، سىنتىز قىلىش ئارقىلىق، ھەر بىر غىدىقلىغۇچ رېئاكسىيىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە بىر پۈتۈن مۇرەككەپ چىسىمغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت سىستېمىلىق پائالىيىتى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ سستېمىلىق پائالىيىتى دەپ ئاتىلىدۇ. ئەڭ ئاددىي پسىخىك ھادىسىمۇ فىزىئولوگىيىلىك مېخانىزمى جەھەتتىن بىر خىل سىستېمىلىق پائالىيەت. بۇ پسىخولوگىيە ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. كىشى ماھارىتىنىڭ شەكىللىنىشى، مۇستەھكەملىنىشى، بىلىم ئىگىلەشلەرنىڭ ھەممىسى چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتى فونكسىيىسنىڭ سىستېمىلىقلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.