UyghurMain Dictionary
چوماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۇرۇش - سوقۇش ئۈچۈن تەييارلانغان سايمان.
تاياق ئېيىقنىمۇ موللا قىلار. تاياق تەگكۈچە بېشىڭنى تارت. ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق. ياماننىڭ توقىمىقى يېنىدا. كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چوماق. دۈشمىنىڭنى قاتتىق ئۇر، كالتىكىڭنى ئايىما. غولدا، سويۇل، باقان_ چارۋىچىنىڭ قورالى. ئۇمۇت، گۇرزى قەدىمكى زاماندا ئاساسىي قوراللاردىن ئىدى. تۇز يالغان ئىت قوپارغۇ ئاستىدا ئۆلەر.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
كۆتەك؛ ئۇمۇت ( بىر ئۇچى كاللەك كالتەك ).
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چوماق، توقماق.
1 - 495
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۇيغۇرلارۋە مۇسۇلمان بولمىغان ھەممە خەلق مۇسۇلمانلارنى « چوماق ئەرى» دەيدۇ. بۇ «مۇسۇلمانلاردىن بىر ئادەم» دېگەنبولىدۇ.
1 - 495
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قامچا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دەرەخ غولىنىڭ پۇتاقلىق جايى، قىسمى.
بۇ دەرەخنىڭ چومىقى بەك جىق ئىكەن.
ئۇچىدا پۇتىقى بار ياغاچتىن كېسىلگەن كالتەك؛ ئۇچى ئەگرى تاياق.
تەلۋىگە چوماق تۇتقۇزما (ماقال).