UyghurMain Dictionary
چوغ
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نەرسە _ كېرەكلەرنى ئوراپ قويىدىغان لاتا.
بوپىسىنى كۆتۈرۈپ كەتتى، كىلىشىنى بىلمەيمەن. بوغجىمىسدا نېمە بارلىقنى ئانام ئۆزى بىلىدۇ. بولاق كۆپ بولسا، غەلۋىمۇ كۆپ بولىدۇ. ئوراقنى ئورىغان بىلەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يالغۇنى ئۆچكەن ئوت.
چوغ كۈل ئاستىدا يانار. ئۆز كۈمۈچىگە چوغ تارتماق. قوقاسقا دەسسىۋالغاندەك. ئىككى چۇچۇلا باياۋاندا يانار، بىر چۇچۇلا ئوچاقتا ئۆچۈپ قالار. ئوتنى ئۆچۈرۈپ، قوغىنى قويماق ئاقىنىڭ ئىشى ئەمەس.
شىۋىلەر
خوتەن شىۋىسى
قويۇق، نۇرغۇن، زىچ، كۆجۈم، توپ. مەسىلەن: چۇغ مەلە _ توپ مەھەللە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بوغجۇما.
لەۋلەشتۈرۈلۈپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. نەرسە سالىدىغان بوخچا.
3 - 176
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈننىڭ تەپتى.
كۈن چوغى _ كۈننىڭ تەپتى.
3 - 176
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چوغ.
ئوت يېلىنجىسى، ئوت كۆيۈپ چوغ بولغاندىن كېيىن پەيدا بولغان يېلىنجا.
3 - 176
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆيۈپ ئىسى تۈگىگەن قىپقىزىل ئوت.
ئوتۇن چوغى. كۆمۈر چوغى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
پارقىراقلىق.