Uyghur←ChineseMain Dictionary
چوگازامبىل
دۇنيا تارىخى
恰高.占比尔
qià gāo .zhàn bǐ ěr
قەدىمكى ئېلام دۆلىتىدىكى ئىمارەتلەر توپى. ئىراننىڭ سۇسا رايونىنىڭ شەرقىي جەنۇب تەرىپىگە 40 كىلومېتىر كېلىدۇ. قەدىمكى دەۋردە دۇر ئۇنتاسىي دەپ ئاتالغان. ئىمارەتلەر توپى ئوخشاش بىر مەركەزلىك لاي ۋە خىشتىن قوپۇرۇلغان ئۈچ قاشادىن تەركىب تاپقان. بىرىنچى قاشانىڭ ئىچىدە چوڭ بىر كۆلچەك، ئۈچ ساراي، يەر ئاستى مەقبەرىدىن بەش ۋە ئوت ئىلاھى نۇسكوغا چوقۇنۇش ئۈچۈن ياسالغان بىر بۇتخانا بار. ئىككىنچى قاشانىڭ ئىچىدە يەتتە بۇتخانا بار. ئۈچىنچى قاشانىڭ ئىچىدە ئۈچ بۇتخانا بار.پۈتكۈل ئىمارەتلەر توپىنىڭ مەركىزىدە 25 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇتخانا مۇنارىسى (بۇرۇنقى ئېگىزلىكى ھازىرقىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ) بار. لاي - خىش قۇرۇلمىنىڭ سىرتى رەڭدار سىرلىق خىش بىلەن قاپلانغان، خىشلارنىڭ كۆپىنچىسىگە ئېلام تىلىنىڭ مىخ يېزىقىدا خەتلەر ئويۇلغان. ئىمارەتلەر توپى قەدىمكى ئېلام دۆلىتىنىڭ پادىشاھى ئۇنتاس - گال (مىلادىدىن 1265 - 1245 ئىلگىرى تەختتە)تەرىپىدىن ياسالغان، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەن چاغدا بۇ قۇرۇلۇش تېخى پۈتمىگەن. 600 يىلدىن كېيىن، ئاسسۇرىيىلىكلەر تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن كېيىن، ئاندىن پۈتتۈرۈلگەن. بۇ ئىمارەتلەر توپىدا پەقەت كاھىنلار تۇرغان.