UyghurMain Dictionary
چۆپقەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئولتۇرۇش، زىياپەتلەردە بىللە بولىدىغان دوست.
<چۆپقەت> سودا - سېتىقتا، يۈرۈش - تۈرۈشتا دائىملىق خېرىدار.
ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا، يېيىشىڭ پوق. ئۈلپەت تاپ، قۇدرەت تاپ. قاسساپ چۆپقىتىگە ئۇستىخان بېرەر. ھەمدەمدە بار، ھېسابتا يوق. قولنى قولغا بېرىپ بولمىساق ھەمدەم، شادلىق ئايىغىدىن پەشۋا يېمەس غەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھۈنەر - كەسىپ، سودا - سېتىق قاتارلىقلاردا دائىم ئېلىم - بېرىم قىلىپ تۇرغان كىشى، دائىملىق خېرىدار؛ يېقىن كىشى.
چۆپقەت تۇتماق.
ئاپا، ئۇ بىزنىڭ كونا چۆپقىتىمىز، ناھايىتى ياخشى قىز.