UyghurMain Dictionary
چۆكمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇيۇقلۇق ئىچىگە پاتماق.
« غەرق بولماق » چۆكۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەقىقەتنى چۆكتۈرىمەن دېيىش ئالتۇننى سۇدا لەيلىتىمەن دېگەنگە ئوخشاش. سۇغا چۆككەن ھايات قالماس. ھەقىقەت ئوتتا كۆيمەس، سۇدا غەرق بولماس.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«چۆكلەمەك» كە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
تىزنى پۈكۈپ ئولتۇرماق، تىزلانماق، يۈكۈنمەك.
تۆگە چۆكتى.
ئىچىگە كىرمەك، كۆمۈلمەك، پاتماق.
سۇغا چۆكمەك.
ئىككى ياققا ئايرىلىپ سۇلار، سۇ ئاستىغا چۆكۈپتۇ ئۇلار.
كۆچمە. پاتماق، كۆمۈلمەك.
غەمگە چۆكمەك. خىيالغا چۆكمەك.
تىنىپ تېگىگە ئولتۇرماق، تىنماق (سۇيۇقلۇقتىكى ئارىلاشما ھەققىدە).
كۆچمە. يېقىنلاشماق، ئارىلاشماق.
قىسىم باشلىقلىرى دائىم ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا كېڭەيتتى.
ئولتۇرۇشماق، بېسىلماق، پەسلىمەك.
ئۇ يەرنىڭ بەزى جايلىرى چۆكۈپ پەسلەپ كەتكەنىدى.