UyghurMain Dictionary
چۆك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ھاڭ تاشلار ئۈستىدىكى سۇپا تاش.
چۆككە چىقماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
چۆكمەك، چۆكۈش. 1. سۇغا غەرق بولماق.
ياپراق چۆكۈپ تاش لەيلەيدىغان چاغمۇ بولىدۇ ( ماقال ).* سۇغا چۆككەن ئۇسسۇلۇق سورىماس ( ماقال ).* ھاراق دېڭىزىغا پالۋانمۇ چۆكىدۇ ( ماقال ).
2. تىنماق. دۇغ ئاستىغا چۆكتى.* چۆكمە، چۆكۈندى.
3. پاتماق، پەسلمەك، ئولتۇرۇشماق. ئېتىزنىڭ بەزى يەرلىرى چۆكۈپ كېتىپتۇ.* كەمتەر بولساڭ ئۆسەرسەن، مەغرۇرلانساڭ چۆكەرسەن ( ماقال ).
4. تىزلانماق، يۈكۈنمەك. تۆگە چۆكتى.* توختى دەرەخ تۈۋىگە بېرىپ چۆكۈپ ئولتۇردى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم . ئىملىق.
تۆگىلەرنى چۆكتۈرۈش ئىماسى. ئۇ « چۆك » دەپ تۆگىلەرنى چۆكۈرۈشكە باشلىدى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
تاغلاردا ھاڭ تاشلار ئۈستىدىكى سۈپە تاش، تۈپ _ تۈز تاش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىملىق سۆز
تۆگىلەرنى ياتقۇزۇش ئىماسىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۇ <چوك> دەپ تۆگىلەرنى چۆكۈرۈشكە باشلىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
توغرا كېسىلگەن تاغ چوققىسى.