UyghurMain Dictionary
چوڭايماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ بولماق، بارغاسېرى زور بولماق.
قۇرت سۇردا كۆپىيەر، يامانلىق ھۇرۇنلۇقتا چوڭىيار. زورىغا زورايغان ئۇزۇنغا بارمايدۇ. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدامراق سۇنىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى... بۇرۇنقىدىن ئېشىپ بارماق.
كىچىكلىمەك، ئۇششاقلىماق
ھەجمى، گەۋدىسى، ياش - قۇرامى... بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلىمەك.
تاي چوڭىيىپ ئات بولار. باش يوغىنىسا، بۆكمۇ يوغىنايدۇ. كىچىك پېئىل بولساڭ، كىچىكلەپ كەتمەيسەن. گەپنى ئۇششاق قىلساڭ، دەرد بولىدۇ. يوغىنىغان دەرەخ ئىلدامراق سۇنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىگىلىگەن ئورنى ھەجىم جەھەتتىن كېڭەيمەك، يوغىنىماق.
كېرەكسىز ئۆيلەر چېقىۋېتىلگەندىن كېيىن، قورۇ خېلى چوڭىيىپ قالدى.
ئۆسمەك، يېتىلمەك، يوغىنىماق.
بالىلارمۇ چوڭىيىپ قالدى، ئاچىلىرى ئۇكىلىرىغا قارىيالايدۇ.
كۆچمە. كۆپەيمەك، ئاۋۇماق، ئۇلغايماق (ۋەقە، ھادىسە ۋە ئىش - ھەرىكەت ھەققىدە).
مانا ئەمدى ئىش چوڭىيىشقا باشلىدى.