UyghurMain Dictionary
چىنلىق ۋە چىنلىقنى يېزىش
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
چىنلىق دېگىنىمىز - تۇرمۇش چىنلىقىدۇر. تۇرمۇش چىنلىقى دېگەندە ئىجتىمائىي ھاياتتا مەۋجۇت ئادەم ۋە ئىشلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. يازغۇچى تۇرمۇش چىنلىقىنى ئاساس قىلىدۇ. يازغۇچى تەرىپىدىن ئىشلىنىپ چىققان مەھسۇلات بەدىئىي چىنلىق دەرىجىسىگە يەتكەن بولىدۇ. بەدىئىي چىنلىق تۇرمۇش چىنلىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئومۇملاشتۇرۇپ، مەركەزلەشتۈرۈپ، پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغان كونكرېت، جانلىق بەدىئىي ئوبراز ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ مەلۇم ماھىيىتىنى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىپادىلەش دېمەكتۇر.