UyghurMain Dictionary
چىمچىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قۇشلارنىڭ بىر ئائىلىسى، جۇغى كىچىك، قاناتلىرى ئۇزۇن، تۇمشۇقى سوزۇنچاق بولىدۇ، ئۆسۈملۈك ئۇرۇقى، قۇرت - قوڭغۇز يەيدۇ.
«تۇمۇچۇق» چىرايلىق سايرايدۇ.
قۇشقاچتىن قورققان تېرىق تېرىماس. ئاسماندىكى تۇرنىدىن قولۇڭدىكى قۇشقاچ ياخشى. قوزا بىلەن تەڭ ئۇخلا، تورغاي بىلەن تەڭ تۇر. تۇمۇچۇقۇم سايرايدۇ، يارىم كەلگەن ئوخشايدۇ. تۇمۇچۇق يات يۇرتتا سايرىمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. تولا يۇمۇلۇپ - ئېچىلىىدىغان، چىمىلدايدىغان.
چىمچىق كۆز.
ئى. كۆزىنى تولا يۇمۇپ - ئاچىدىغان، چىمىلدىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قالغان كۆز ۋە شۇنداق كۆزلۈك ئادەم.
داشۈي ئارقىسىغا شۇنداق قاراپ، پارتىزانلاردىن سۈي چىمچىق، ماسەنشالار ئارقىسىغا قاچقىلى باشلىغانلىقىنى كۆردى.