چىلىماق[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل.[يەشمىسى:] ① سۇيۇقلۇققا پاتۇرماق، كىرگۈزمەك، تۆگۈرمەك:[مىسال:] ئۇ مەكتەپ ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرىق لېۋىدىكى تەتۈر سۆگەت تۈۋىدە پۇتىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇردى.[يەشمىسى:] ② كۆكتات، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلارنى تۇز، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ ۋە ھاراق قاتارلىقلارغا سالماق:[مىسال:] سەي چىلىماق. ھاراققا دورا چىلىماق.