چىللىلىك[سۆز تۈركۈمى:] سۈپەت.[يەشمىسى:] ① چىللىدىن چىقمىغان، قىرىقى توشمىغان:[مىسال:] چىللىلىك ئانا.[يەشمىسى:] ② قىرىقى توشمىغان تۇغۇتلۇق ئايال ئورۇنلاشقان ياكى ياتقان:[مىسال:] چىللىلىك ئۆيگە كېچىسى كوچىدىن كىرىپ كېلىش ياخشى ئەمەس، دېدى ئايسىخان ئانا.