UyghurMain Dictionary
چىلغوزا كۆز
بىئولوگىيە
<قارىغاي مېۋىسىمان كۆز> ياكى <پىنېئال كۆز> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ تۆۋەن دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ يۇمىلاق ئېغىزلىقلار سىنىپىدىكىلەردە بولىدىغان بىر خىل ئالاھىدە تۈزۈلۈش، يەتتە ساقاقلىق (ژابرالىق) يىلانبېلىقنىڭ بۇنداق تۈزۈلۈشى بۇرۇن تۆشۈكىنىڭ كەينىدىكى تېرە ئاستىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئارىلىق مېڭىسىنىڭ دۈمبە تەرىپىدىكى چىلغوزا تەنچىسىنىڭ ئۈستىگە قاراپ باش تۆپىسىنىڭ تېرە ئاستىغىچە ئۇزىرىشى ھەمدە ئاخىرقى ئۇچىنىڭ پۈۋەكسىمان كېڭىيىشىدىن شەكىللەنگەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە خرۇستال تەنچىسى، پىگمېنت قەۋىتى ۋە كۆرۈش تور پەردە قەۋىتى بولىدۇ. ئۇنىڭ تۈزۈلۈشى يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ كۆزىنىڭ تۈزۈلۈشىگە ئوخشاپ كەتكەچكە چىلغوزا كۆز دەپ ئاتالغان. بۇنداق تۈزۈلۈش ئېھتىمال رۇدېمېنتلاشقان يورۇقلۇق سەزگۈچى ئاپپارات بولۇشى مۇمكىن.