UyghurMain Dictionary
چېلەك
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
سۇ ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلارنى قاچىلاش، توشۇش ئۈچۈن، قەلەيدىن ياسالغان، ئىچى كاۋاك سايمان، تۇڭ.
چېلەككە سۇ ئالماق.* چېلەكتە سۇ توشۇماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بارماقتەك ياغاچتىن قوشۇش بەلگىسى شەكلىدە ياسالغان، قول بىلەن چۆرۈپ يىپ ئېگىرىدىغان ئەسۋاب.
چېلەك بىلەن يىپ ئېگىرمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
ئۈگە، بوغۇم.
شېكەر قومۇش چېلىكى.* قوناق چېلىكى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. سۇ ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلارنى ساقلاش ۋە توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، قەلەيدىن ياسىلىدىغان سىلىندىر شەكىللىك قاچا.
ئوقۇغۇچىلارغا بىر چىنە سۇ بېرىش ئۈچۈن، ئۆزىدە بىر چېلەك سۇ بولۇشى كېرەك.
مىق. ساناق سانلار بىلەن كېلىپ، چېلەك بىلەن كەملىنىدىغان سۇيۇقلۇق ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ مىقدارىنى بىلدۈرىدۇ.
بىر چېلەك سۇ. ئىككى چېلەك ياغ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بارماقتەك ياغاچتىن قوشۇش بەلگىسى شەكلىدە ياسالغان، قول بىلەن چۆرۈپ يىپ ئېگىرىدىغان ئەسۋاب.
چېلەك بىلەن يىپ ئېگىرمەك.
قوناق شېخى قاتارلىقلارنىڭ ئۈگىلىرى ئارىلىقىدىكى ھەربىر بۆلىكى.
قوناق چېرلىكى.
ئەزىز قولىدىكى شېكەر قومۇشىنىڭ بىر چېلىكىنى ماڭا، يەنە بىر چېلىكىنى ئۇكىسىغا بەردى.