Uyghur←ChineseMain Dictionary
چېكەتكە لىچىنكىسى
بىئولوگىيە
蝻
nǎn
ھاشاراتلار سىنىپى، تۈز قاناتلىقلار ئەترىتىدىكى چېكەتكىنىڭ نىمفاسى، ئۇنىڭ شەكلى يېتىلگەن قۇرتقا ئوخشاش، بىراق بەدىنى كىچىكرەك، بېشى چوڭ، قانىتى تولۇق يېتىلمىگەن بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇچقۇر چېكەتكىنىڭ بىر (ئۆزگىرىشلىك) تۈلىگەن لىچىنكىسىنىڭ قانات بىخى بولمايدۇ. سېزىش مۈڭگۈزچىسى 13 بوغۇمدىن ئاشمايدۇ. ئىككى ئۆزگىرىشلىك (تۈلىگەن) نىڭ ناھايىتى كىچىك قانات بىخى بولىدۇ ۋە سېزىش مۈڭگۈزچىسى 15 - 17 بوغۇم بولىدۇ، ئۈچ تۈلىگەننىڭ قانات بىخى تەرەققىي قىلغان. سېزىش مۈڭگۈزچىسى 17 - 22 بوغۇم، تۆت تۈلىگەننىڭ ئۈچ بۇرجەك قانات قېپى بولۇپ، سېزىش مۈڭگۈزچىسى 21 - 25 بوغۇم، بەش تۈلىگەننىڭ قانات قېپى ئالدىنقى كۆكرەك دۈمبە پلاستىنكىسى بىلەن تەڭ دېگۈدەك چوڭلۇقتا بولىدۇ. بەشىنچى قېتىم تۈلىگەندىن كېيىن بىۋاسىتە يېتىلگەن چېكەتكىگە ئايلىنىدۇ. دائىم توپ - توپ بولۇپ شال، بۇغداي، كۆممىقۇناق قاتارلىق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
دېھقانچىلىق
蝻
nǎnDئۇنىۋېرسال
蝗蝻
huáng nǎnDباغۋەنچىلىك
蝗蝻
huáng nǎn