Uyghur←ChineseMain Dictionary
چىكا دەرىخى
Domain: بىئولوگىيە秤锤树
chèngchuíshù
سالاجىت ئائىلىسىگە كىرىدۇ، شېخى تۈز بولۇپ، بىر ئاز يانتۇ يېيىلىدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى ئېللىپىس شەكىللىكتىن ئېللىپىسسىمان تەتۈر تۇخۇم شەكىللىككىچە بولىدۇ، پەردىلىشىدۇ، ئالدىنقى ئۇچى قىسقا ئۇلانغان، تۈۋى شىنا شەكىللىك بولىدۇ؛ گۈل شېخىدىكى يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تۈۋى بىر ئاز يۈرەكسىمانراق بولىدۇ، گىرۋىكىدە ئۇششاق قاتتىق ھەرە چىشى بولىدۇ، ئىككىلا يۈزىدە تۈكچىلەر بولماىدۇ. پەقەت كەينى يۈزىدىكى ئوتتۇرا تومۇردا يۇلتۇزسىمان تۈكچىلەر بولىدۇ. مۇرەككەپ كۈنلۈكسىمان گۈل رېتىدە 2 - 5 دانە گۈل قولتۇقتا ئۆسىدۇ، گۈل سېپى تۆۋەنگە ساڭگىلايدۇ. يۇلتۇزسىمان تۈكچىلەر بولىدۇ. گۈل كاسا نەيچىسى پىلدىرلىغۇچ شەكىللىك، يېرىقچە يوپۇرمىقى ئۈچ بۇرجەك شەكىللىك بولۇپ، سىرتىدا يۇلتۇزسىمان تۈكچىلەر بولىدۇ؛ شەكىللىك بولىدۇ. مېۋىسى ياغاچلىشىدۇ، تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولىدۇ. بۇ تۈر جۇڭگونىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەسلى ماكانى نەنجىڭنىڭ يېقىن ئەتراپى بولۇپ، ھويلا - ئارامغا تىكىلىدىغان مەنزىرە ئۆسۈملۈكى، ئۇ ئۇرۇقى ئارقىلىق كۆپىيىدۇ. ھازىر دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈك قىلىپ بېكىتىلدى.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.