Chinese→UyghurMain Dictionary
赤裤军起
دۇنيا تارىخى
قىزىل ئىشتانلىق قوشۇن قوزغىلىڭى
چاۋشيەن سىللا سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پارتلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىرى. مىلادى 896 - يىلى (ئايال پادىشاھ جىنشىڭنىڭ 10 - يىلى) چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونىدا پارتلاپ، ئايماق، ناھىيىلەردىكى فېئودال كۈچلەرگە زەربە بەرگەن ھەمدە شەرققە قاراپ ھۇجۇم قىلىپ، ئۇدۇل پايتەخت كيونجۇ ئايمىقىنىڭ غەربىدىكى مولىياڭ يېزىسىغىچە يېتىپ كېلىپ، كېيىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. ئۇلار ئىشتانلىرىغا قىزىل بەلگە تىكىۋالغانلىقى ئۈچۈن قىزىل ئىشتانلىق دەپ ئاتالغان.