English→UyghurMain Dictionary
Chiga
Domain: دۇنيادىكى مىللەتلەرچىگالار
چىگالار ئۇگاندا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <كىگالار>، <باچىگالار>، سىگالار< دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئۇگاندانىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليوندىن كۆپرەك؛ ئۇلار مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 7 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
چىگالار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ؛ نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ شىمالىي بانتۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە چىگا تىلىنى قوللىنىدۇ.
چىگالارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاساسەن تەبىئەت كۈچىلىرىگە ۋە ئەجدادلىرىغا چوقۇنىدۇ.
چىگالار ئىسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؛ دېھقانچىلىقتا قەھۋە، تاماكا ۋە كۆكتات قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ؛ چارۋىچىلىقى كالا باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
چىگالارنىڭ ئەجدادلىرى يەرلىك نېگىرلاردىن ئىبارەت؛ ئۇلاردا كالا قېنىنى ئىچىش، قىز - ئوغۇللىرىنىڭ سۈننىتىنىى قىلىش ئادەتلىرى بار.
About this entry
This is a English–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.