Uyghur←ChineseMain Dictionary
چېگرا سىرتىدىكىلەرگە ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ بېرىش، تىڭ تىڭلاش بېرىش، سېتىۋېلىپ بېرىش، قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بېرىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
为境外窃取,刺探,收买,非法提供军事秘密罪
wéi jìng wài qiè qǔ ,cì tàn ,shōu mǎi ,fēi fǎ tí gōng jūn shì mì mì zuì
بۇ - ھەربىيلەرنىڭ چېگرا سىرتىدىك ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ، تىڭ تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ، قانۇنسىز بەرگەن قىلمىشنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - دۆلەتنىڭ ھەربىي مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش تۈزۈمى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ، تىڭ تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ قانۇنسىز يەتكۈزۈپ بەرگەن قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ھەربىي ۋەزىپىدىكى خادىملار بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
431 - ماددا چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار، تەشكىلاتلار ۋە خادىملارغا ھەربىي مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاپ، تىڭ تىڭلاپ، سېتىۋېلىپ قانۇنسىز بەرگەنلەرگە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ.