UyghurMain Dictionary
چېگرا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تېررىتورىيىنىڭ، زېمىننىڭ ئىككى دۆلەت، ئىككى رايون ۋە ياكى شەخسنىڭ ئارىسىدا تۇتاشقان يېرى.
شىنجاڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، مۇڭغۇلىيە، ھىندىستان، پاكىستان، ئاففغانىستانلار بىلەن چېگرىلىنىدۇ، ئومۇمىي چېگرا سىزىقى 5379 كىلومېتىر. زېمىنىمىزنىڭ شىمالى پاسىلى ئۆستەڭ، جەنۇبىي پاسىلى ساي . . . يېزىلارنىڭ ھۇدۇتى ئېنىق بولمىغان جايلاردا پات _ پات تالاش _ تارتىش بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. بىر - بىرىگە قوشنا، يېقىن، يانداش بولغان دۆلەت، ئۆلكە، ۋىلايەت، ناھىيە، رايون قاتارلىقلارنىڭ زېمىن ئارىسىدىكى بۆلۈنۈش، ئاجرىلىش سىزىقى؛ پاسىل.
چىگرا بەلگىلىمەك. دۆلەت چېگىرىسى.
سۈپ. چېگرا ئەتراپىغا جايلاشقان؛ چەت، ياقا.
چېگرا رايون.
ئى. كۆچمە. ئىككى نەرسىنىڭ دائىرە چېكى.
سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىنتايىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان كونا - يېڭى بىلىملەرنىڭ چېگرىسىنى ئېنىق ئاجرىتىش لازىم.