UyghurMain Dictionary
چەتكە قېقىش پرىنسىپى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇنىڭدا شەرىئەتنىڭ ئاتا جەمەت قانداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ، ۋارىسلىق ھوقۇقىنى ۋە ۋارىسلىق تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي پرىنسىپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ پرىنسىپ تۆۋەندىكىلەرگە ئايرىلىدۇ: (1) پۈتۈنلەي چەتكە قېقىش. يەنى ۋارىسلىق تەرتىپىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋارىسنىڭ مەۋجۇت بولۇش تۈپەيلىدىن ۋارىسلىق ھوقۇقى چەتكە قېقىلىدۇ. ھەممە ۋارىسلار ئىچىدە ئېرى، خوتۇنى، دادىسى، ئانىسى، ئوغلى، قىزىدىن ئىبارەت ئالتە خىل ئادەمدىن باشقا ۋارىسلارنىڭ ھەممىسى چەتكە قېقىلىشى مۇمكىن؛ (2) تولۇق چەتكە قاقماسلىق يەنى ۋارىسلىق تەرتىپىدە ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋارىسنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تۈپەيلىدىن ۋارىسلىق قىلىنىدىغان مىراس نېسىۋىسى ئازايتىلىدۇ ياكى كېيىنكى تەرتىپەك چۈشۈرۈپ قويۇلىدۇ. مەسىلەن، مەرھۇمنىڭ ئاچىسى ئەسلىي بىرىنچى تەرتىپتىكى نېسىۋىنىڭ ۋارىسى بولۇپ، مۇقىم نېسىۋىسى ئىككىدىن بىر قىسىم بولسىمۇ، لېكىن مەرھۇمنىڭ بىر ئۇكىسى بولسا، ئاچىسى ئىككىنچى تەرتىپتىكى ئاتا جەمەت ۋارىسى بولۇپ، ئۇكىسى ئالىدىغان نېسىۋىنىڭ يېرىمىنى ئالىدۇ. چەتكە قېقىشنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە: (1) ئاجىز تۇغقان ئەشرەم تۇغقاندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ؛ (2) ئوخشاش تۇغقانلار دەرىجىسى ئىچىدە ۋارىسلىق قىلىنغۇچىغا يېقىن بولغىنى يىراق بولغىنىنى چەتكە قاقىدۇ؛ (3) تەرتىپى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغانلارنىڭ رېتى قانداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىن - يىراقلىقىغا قاراپ بېكىتىلىدۇ؛ بىر ئانىدىن تۇغۇلغانلار بىر نەۋرە تۇغقانلارنى چەتكە قاقىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بەزىلەرنىڭ ۋارىسلىق ھوقۇقى شەرىئەت بويىچە چەكلىنىدۇ ياكى چەتكە قېقىلىدۇ.